الزمن (0,00464 ثانية)
#51

ترجمة ( الممتحنة 4 ) في Uughur من طرف Muhammad Saleh - ug


[ قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّى تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ رَبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ ] - الممتحنة 4

#52

ترجمة ( المزمل 20 ) في Uughur من طرف Muhammad Saleh - ug

[ (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى اﷲ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى اﷲ بىلىدۇ، اﷲ سىلەرگە رەھىم قىلدى (يەنى كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى) ئەمەلدىن قالدۇردى، تەھەججۇد نامىزىدىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، اﷲ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر اﷲ نىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل - مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر)، اﷲ تىن مەغپىرەت تىلەڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر ] - ترجمة ( Al-Muzzammil 20 )

[ إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَى مِنْ ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِنَ الَّذِينَ مَعَكَ وَاللَّهُ يُقَدِّرُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ عَلِمَ أَنْ لَنْ تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ عَلِمَ أَنْ سَيَكُونُ مِنْكُمْ مَرْضَى وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ ] - المزمل 20

#53

ترجمة ( البقرة 196 ) في Uughur من طرف Muhammad Saleh - ug

[ ھەج بىلەن ئۆمرەنى اﷲ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرمىسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر ] - ترجمة ( Al-Baqarah 196 )

[ وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّى يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِنْ رَأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِنْ صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَمَنْ تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ذَلِكَ لِمَنْ لَمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ ] - البقرة 196